=== "Hayot so'zlari", "Yaxshi Yangiliklar", "Xushxabar qo'shiqlari" - Kichik tillar O'zbekistonda Gapiriladi / "Gotinên Jiyanê", "Nûçeyên Baş", "Stranên Mizgîniyê" - Zimanên Biçûk Li Ozbekistanê tê axaftin ===
«
»
"ئۇيغۇر - "ئىككى يول .mp3 / Uyg'ur - "Ikki yo'l".mp3
MP3•Home de episódios
Manage episode 341481325 series 3396092
Conteúdo fornecido por Uzbek Words of Life No.2. Todo o conteúdo do podcast, incluindo episódios, gráficos e descrições de podcast, é carregado e fornecido diretamente por Uzbek Words of Life No.2 ou por seu parceiro de plataforma de podcast. Se você acredita que alguém está usando seu trabalho protegido por direitos autorais sem sua permissão, siga o processo descrito aqui https://pt.player.fm/legal.
Uyghur - "The Two Roads".mp3 / Уйгурский - "Две дороги".mp3 // يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1 - ھەزرىتى ئەيسا - خۇدانىڭ كالامىدۇر1ھەممىدىن بۇرۇن «كالام» مەۋجۇت ئىدى. ئۇ خۇدا بىلەن بىللە ئىدى ھەم ئۆزى خۇدا ئىدى. 2ئۇ، ئالەم يارىتىلىشتىن بۇرۇنلا خۇدا بىلەن بىللە ئىدى. 3ئۇ ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلار يارىتىلدى. ھېچقانداق مەۋجۇدات ئۇنىڭسىز يارىتىلغان ئەمەس. 4«كالام» ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ، بۇ ھاياتلىق ئىنسانلارغا نۇر ئېلىپ كەلدى. 5نۇر قاراڭغۇلۇقنى يورۇتىدۇ. قاراڭغۇلۇق بولسا نۇرنى ھەرگىز بېسىپ چۈشەلىگەن ئەمەس.6ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، بىر ئادەم خۇدا تەرىپىدىن مەيدانغا كەلدى. ئۇنىڭ ئىسمى يەھيا ئىدى. 7ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ئارقىلىق «ھەقىقىي نۇر»~غا ئىشىنىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىشكە كەلگەنىدى. 8يەھيا پەيغەمبەر ئۆزى «ھەقىقىي نۇر» ئەمەس، ئۇ پەقەت «ھەقىقىي نۇر»~غا گۇۋاھلىق بەرگۈچىدۇر. 9دۇنياغا كېلىدىغان بۇ «ھەقىقىي نۇر» پۈتكۈل ئىنساننى يورۇتىدىغان نۇردۇر.10دۇنيا «كالام» ئارقىلىق يارىتىلغان بولسىمۇ، «كالام» بۇ دۇنياغا كەلگەندە، دۇنيا ئۇنى تونۇمىدى. 11ئۇ ئۆز تۇپرىقىغا كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنى ئۆز خەلقى قوبۇل قىلمىدى. 12شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدانىڭ پەرزەنتى بولۇش ھوقۇقىنى بەردى. 13بۇ ھوقۇققا ئېرىشكەنلەر يا قاندىن، يا جىنسىي تەلەپتىن، يا ئىنسان خاھىشىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسىدىن قايتا تۆرەلگەن بولىدۇ.14«كالام» ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ياشىدى. ئۇ مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بولۇپ، بىز ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، يەنى ئاتىمىز خۇدانىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆردۇق.15يەھيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىپ، خالايىققا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى:- مەن سىلەرگە: «مەندىن كېيىن كەلگۈچى مەندىن ئۇلۇغدۇر، چۈنكى ئۇ مەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا مەۋجۇت» دېگەنىدىمغۇ. ئۇ دەل مۇشۇ كىشىدۇر!16ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى چەكسىز بولغاچقا، ھەممىمىز ھەر دائىم بەخت ئۈستىگە بەختكە ئېرىشىپ كەلدۇق. 17چۈنكى، تەۋرات قانۇنى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن بولسا، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە ھەقىقىتى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى. 18خۇدانى ھېچكىم كۆرۈپ باققان ئەمەس. بىراق، ئۇنى ئاتىمىز خۇدانىڭ ھەمراھى ۋە يېگانە ئوغلى، شۇنداقلا ئۆزى خۇدا بولغان ئەيسا مەسىھ بىزگە بىلدۈردى.
…
continue reading
76 episódios